Quantcast
Channel: ھايات چاقچىقى (18) دىكى باھالار:
Viewing all articles
Browse latest Browse all 2

ئاپتور: ئىلقۇت

$
0
0

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
مېنىڭ بۇ پىشمىغان قەلىمىمدىن چىققان ئەسەرنى ياقتۇرغىنىڭىزغا ۋە ئالاھىدە قەدىرلەپ ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا ئوقۇپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. مەن ئەسەرنى ئەسلى داۋاملىق يېزىشنى ئويلاشقان بولساممۇ ئەمما بىر تەرەپتىن ئالدىراشچىلىق يەنە بىر تەرەپتىن تىلىمنىڭ ئاجىز كەپ قالغانلىقى سەۋەبلىك توختىتىپ قويغان ئىدىم. ئەمما بۇ ئەسەرنى بۇنداق توختىتىپ قويغۇم يوق. مەن ۋاقىت چىقىرىپ بۇ ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋەقىلىكىنى يەنىمۇ پىششىقلاپ ئىشلاپ، قايتىدىن يېزىپ چىقىش خىيالىم بار.
ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئەسەرنى يېزىۋاتقان ۋاقتىمدا ئانا تىل يېزىقىمنىڭ ئىملاسى جەھەتتە چۈشەنچەم كەمچىل (بۇرۇنلا ئىچكىرىگە كىرىپ كەتكەنلىك ھەم ئىچكىرىگە كىرىشتىن بۇرۇن ئەدەبىياتقا قىزىقماسلىق سەۋەبلىك) بولغانلىقتىن ئەسەردە ئىملا خاتالىقى ۋە لوگىكىلىق خاتالىقلار زىيادە كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئەسەرنى داۋاملىق يېزىشنى توختاتقان ئىدىم. يۇقىرىدا دېگىنىمدەك، پۇرسەت بولسا مەن بۇ ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكىنى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئىملا خاتالىقى ۋە لوگىكىلىق خاتالىقلاردىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ساقلىنىپ، ئەسەر تىلىنى تېخىمۇ پىششىقلاپ ئىشلەپ، بۇ ئەسەرنى بىر تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەر قىلىپ چىقىش خىيالىم بار.
ئۆز خىيالىمچە بولغاندا بۇ ئەسەر 18 بۆلەك يېزىلغان بىلەن ئەمما يازماقچى بولغان مەزمۇن ھەر قانچە بولسا خىيالىمدا يازماقچى بولغان مەزمۇننىڭ ئوندىن بىرىگە تەڭ بولارمىكىن. بۇ ئەسەر ئەگەر ئۆز خىيالىمدىكى بويىچە يېزىلىش ئىمكانىيىتى بولسا، ئەسەرنىڭ ھەجىمى ھەقىقەتەن زورىيىپ كېتىشى مۇمكىن.
مەن بۇرۇن ئەدەبىي ئەسەر يېزىپ باقمىغان بولغاچقا، بۇ مېنىڭ تۇنجى ئەسىرىم بولۇپ، تەجرىبەم يوق، شۇڭا بۇ ئەسەردە سادىر قىلغان خاتالىقلارمۇ ئاز ئەمەس. ئەسلىدە ئاۋۋال كىچىك كىچىك ئەسەرلەرنى يېزىپ قەلىمىمنى پىشۇرۇپ ئاندىن چوڭ ئەسەرگە تۇتۇش قىلسام بولاتتى. ئەمما مېنىڭ داۋاملىق ئەدەبىي ئەسەر يېزىش ئىمكانىيىتىم بولمىغاچقا، كاللامدىكى خىياللارنى يازاي دېسەم مۇشۇنداق زور ھەجىملىك ئەسەر بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ….


Viewing all articles
Browse latest Browse all 2